فاتىھ دۆنمەز: تۈركىيە تۇنجى يەرلىك گېنېراتورلارنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدى

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز تۈركىيەنىڭ تۇنجى يەرلىك ۋە مىللىي گېنېراتورلارنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1832470
فاتىھ دۆنمەز: تۈركىيە تۇنجى يەرلىك گېنېراتورلارنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز پايتەخت ئەنقەرەدە قىلغان سۆزىدە، ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ يەرلىك ۋە مىللىي ئېنېرگىيە تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تەتقىقات ۋە تەرەققىيات پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «بىز ئىلگىرى تۈركىيەنىڭ تۇنجى يەرلىك ۋە مىللىي گېنېراتورلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش خۇش خەۋىرىنى ئورتاقلاشقان ئىدۇق. بۈگۈن بىز بۇ ھەقتە يەنە بىر خۇش خەۋەر بېرىشنى خالايمىز. بىز ھازىر يەرلىك ۋە مىللىي گېنېراتورلارنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقا يۈزلەندۇق. بىز يەنە ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ باشقا ئىككى مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان توربىن ۋە كونترول سىستېمىسىنى يەرلىكلەشتۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتتۇق. توربىنا لايىھەمىزنى تاماملىدۇق. پات ئارىدا تۇنجى يەرلىك توربىن ئىشلەپچىقىرىشنى باشلايمىز. تۇنجى يەرلىك توربىنانى ئىشلىتىمىز ھەمدە تۇنجى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلغان يەرلىك ۋە مىللىي گېنېراتورلىرىمىزنى ساكارىيا دەرياسىدىكى ھەسەن پولاتكان سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىمىزدا ئىشلىتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر