چاۋۇشئوغلۇ ئىسرائىلىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىسرائىلىيەدىكى زىيارىتى دائىرىسىدە ھولوكوست (يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى) تارىخ مۇزېيى «ياد ۋاشەم»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

1832126
چاۋۇشئوغلۇ ئىسرائىلىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئارىدىن 15 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۈركىيەدىن ئېلىپ بېرىلغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى دائىرىسىدە ئىسرائىلىيەگە باردى.

غەربىي قۇددۇستىكى «ياد ۋاشەم»نى ئېكسكۇرسىيە قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، ھولوكوست خاتىرە سارىيىغا گۈلچەمبىرەك قويۇپ، مۇزىيېدىكى خاتىرە دەپتىرىگە ئىمزا قويدى.

چاۋۇشئوغلۇ ئىسرائىلىيەدىكى زىيارىتى جەريانىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يائىر لاپىد بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ئۇ تۈنۈگۈن پەلەستىنگە بېرىپ، مەنسەپدىشى رىياد ئەلمالىكى ۋە پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، پەلەستىن مەسىلىسى ۋە رايوندىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر