چاۋۇشئوغلۇ پەلەستىن زىيارىتىنى باشلىدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن پەلەستىننىڭ راماللاھ شەھىرىگە يېتىپ باردى.

1831661
چاۋۇشئوغلۇ پەلەستىن زىيارىتىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئولتۇرغان ئايروپىلان ئىسرائىلىيە پايتەختى تېل ئاۋىۋدىكى بېن گۇرىيون ئايرودرومىغا قوندى. ئۇ يەردە چاۋۇشئوغلۇ ئىسرائىلىيەلىك ئەمەلدارلار تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى.

پەلەستىن زىيارىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تېل ئاۋىۋدىن راماللاھ تەرەپكە ئۆتكەن مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ بىرىنچى بېكىتى پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولدى؛ ئۇ يەردە پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ئەلمالىكى تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغان چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە – پەلەستىن ئورتاق كومىتېتىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.

مالىكى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدىغان چاۋۇشئوغلۇنىڭ، ئارقىدىن تۈركىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى پۈتكۈزگەن پەلەستىنلىكلەر بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن كېيىن پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇنىڭ ئەتە ئىسرائىلىيەگە قايتىپ كېلىپ، مەنسەپدىشى يايىر لاپىد بىلەن ئايرىم ۋە ۋەكىللەر ئارا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، رايون ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەر شۇنداقلا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر