ئەردوغان: شىۋېتسىيەنىڭ تۈركىيەگە قويغان قورال ئېمبارگوسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويالمايمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنقەرەنىڭ، شىۋېتسىيەنىڭ تۈركىيەگە قويغان قورال ئېمبارگوسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1830912
ئەردوغان: شىۋېتسىيەنىڭ تۈركىيەگە قويغان قورال ئېمبارگوسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويالمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گۆلچۈك پاراخوت زاۋۇتى قوماندانلىق مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، تۈركىيەنىڭ يېڭى تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ تېخنىكىلىق ئالاھىدىلىكىنىڭ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇ يىلدىن باشلاپ، بىز ھەر يىلى بىر سۇ ئاستى پاراخوتىمىزنى مۇلازىمەتكە سېلىش ئارقىلىق 2027 – يىلىغىچە 6 سۇ ئاستى پاراخوتىمىزنى دېڭىز ئارمىيەمىزنىڭ قوراللىرىغا قاتارىغا سەپلەيمىز» دېدى.

بۇ دۆلەتنىڭ ئەزەلدىن بەدەل تۆلىمەي تۇرۇپ بىرەر پۇرسەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئىنتايىن جاپالىق كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەردوغان: «دائېش چېگرادىكى ۋىلايەتلىرىمىزگە راكېتامىيوتلارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلىۋاتقان كۈنلەردە، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىمىز چۇۋۇلۇپ ئېلىپ كېتىلدى. بىزگە پۇلغا سېتىپ بېرىلمىگەن قوراللار، دائېشقا قارشى كۈرەش دېگەن باھانە بىلەن قولى قانلىق تېررورلۇق تەشكىلاتى (پ ك ك) غا يۈك ماشىنىلىرى بىلەن يەتكۈزۈپ بېرىلدى. تۈركىيە تېررورلۇق كارىدورى ھىيلىسى بىلەن مۇھاسىرەگە ئېلىنماقچى بولدى. بىز دوست دەپ بىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ خىيانەتلىرى ۋە ئىتتىپاقداش دەپ قارايدىغان دۆلەتلەرنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە قارىماي، تېررورلۇققا قارشى ئۇتۇق قازاندۇق. تۈركىيە مۇداپىئە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ۋە 40 يىللىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئىتتىپاقداشلىرىدىن كۈتكەن قوللاشقا ئېرىشەلمىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسى ھەققىدە توختىلىپ: «بىزشىۋېتسىيەنىڭ بىزگە قويغان قورال ئېمبارگوسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويالمايمىز، بۇنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىزاھاتىمۇ يوق. ناتودا ئوينايدىغان رولىمىزنىڭ ئېنىق بولۇشىغا قارىماي، بىز يەنىلا ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن جازانى بىكار قىلىش توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتىمىز. بىزنىڭ تەلەپلىرىمىز قاندۇرۇلۇشى، كونكرېت قەدەملەر تاشلىنىشى كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر