تۈركىيە: تاجىكىستاندىكى ئۆزگىرىشلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز

تۈركىيە تاجىكىستاننىڭ شەرقىدىكى تاغلىق بەدەخشان ئاپتونوم ۋىلايىتىدە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1830099
تۈركىيە: تاجىكىستاندىكى ئۆزگىرىشلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ، تاجىكىستاننىڭ تاغلىق بەدەخشان ئاپتونوم رايونىدا مەيدانغا كەلگەن ۋە ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆلۈم-يېتىم ۋە يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆزگىرىشلەرنى ئەندىشە ئىچىدە  كۆزىتىۋاتقانلىقى،  دۆلەتتە جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ۋەقەلەردە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، مۇسىبەتلىك ئائىلىلەرگە ۋە قېرىنداش دۆلەت تاجىكىستانغا تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.»

تاجىكىستان دائىرىلىرى، 18 – ماي كۈنى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى تاغلىق بەدەخشان ئاپتونوم ۋىلايىتىدە، تەشكىللىك جىنايەتچىلەر تەشكىلاتىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا 8 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 70 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

تاجىكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تەشكىللىك جىنايەتچىلەر تەشكىلاتىنىڭ رۇشەن ناھىيەسىدە ئىچىدە ئەسكەرلەرمۇ بار بولغان ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 1 ئوفىتسېرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 13 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر