چاۋۇشئوغلۇ بىلەن بلىنكېن تۈركىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ ھەمكارلىق ئىرادىسىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ نۆۋەتتىكى گېئو پولىتىكىلىق سىناقلار قارشىسىدا بىرلىكتە يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىش قەتئىي ئىرادىلىرىنىڭ بارلىقى تەكىتلەندى.

1829138
چاۋۇشئوغلۇ بىلەن بلىنكېن تۈركىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ ھەمكارلىق ئىرادىسىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ كۆرۈشۈشىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئورتاق ئاخباراتتا: «تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا، نۆۋەتتىكى گېئو پولىتىكىلىق سىناقلار قارشىسىدا بىرلىكتە يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىش قەتئىي ئىرادىسىگە ئىگە» دېگەن سىگنال بېرىلدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئانتونى بلىنكېننىڭ نىيۇ يوركتا كۆرۈشكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا: «تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا، نۆۋەتتىكى گېئو پولىتىكىلىق سىناقلار قارشىسىدا بىرلىكتە يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىش قەتئىي ئىرادىسىگە ئىگە. چاۋۇشئوغلۇ بىلەن بلىنكېن تۈركىيە-ئامېرىكا ئىستراتېگىيەلىك مېخانىزمى دائىرىسىدە كۆزدە تۇتۇلغاندەك، ئوچۇق ۋە ئىجابىي سۆھبەت ئارقىلىق ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ» دېيىلدى.

ئىككى مىنىستىرنىڭ ئۇچرىشىشىدا، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە مۇداپىئە مەسىلىلىرى، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش، ئېنېرگىيە ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنىڭ ئۇسۇللىرى، شۇنداقلا كونكرېت قەدەملىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«مىنىستىرلار رۇسىيەنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئۇرۇشىغا قارشى ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقلىرىنى قايتا تەكىتلىدى. بۇ دائىرىدە، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش چارىسىنىڭ تېپىلىشىنى كۈچلۈك قوللايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر