ئاغرىدا ھەربىي ھەرىكەت باشلاندى

ئاغرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى «10-ئەرەن قورشاۋ» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى.

1828775
ئاغرىدا ھەربىي ھەرىكەت باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاغرىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلانغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، «9-ئەرەن قىش ئاغرى تېغى» ھەرىكىتى دائىرىسىدە، پ ك ك نىڭ ئاتالمىش ئاغرى تېغى گۇرۇپپىسىنىڭ يوقىتىلىشى بىلەن، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ رايونغا تېررورىستلارنى ئەۋەتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى ئىراندىن بەش كىشىلىك بىر تېررورىست گۇرۇپپىسىنىڭ رايونغا مەخپىي كىرمەكچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى ئاخباراتنىڭ قولغا چۈشۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە، «10-ئەرەن قورشاۋ» ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، ھەرىكەتكە 915 خادىمنىڭ قاتناشقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، ئىران چېگراسىدىن باشلاپ ئاغرى تېغى رايونىدىكى غار ۋە ئۆڭكۈرلەرنىڭ بىرمۇ بىر ئاختۇرۇلغانلىقى، ھەربىي ھەرىكەت باشلانغان تۈنۈگۈنكى (17-ماي) بىرىنچى كۈنىدىلا تېررورىستلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، دۆلەت ئىچىدىكى تېررورىستلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ئۈچۈن باشلانغان «ئەرەن قورشاۋ ھەرىكەتلىرى» نىڭ، خەلقنىڭ قوللىشى ئاستىدا قەتئىيلىك بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر