ئەردوغان: «تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزگەنلەرنىڭ ناتوغا كىرىشىگە بىز <ماقۇل> دېمەيمىز»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەگە زىيارەتكە كېلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيە ھەيئەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، «بىزنى قايىل قىلىشقا كېلەمدىكەن،  ئەيىپكە بۇيرىمىسۇن، ئۆزلىرىنى بېكار ئاۋارە قىلمىسۇن» دېدى.

1827937
ئەردوغان: «تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزگەنلەرنىڭ ناتوغا كىرىشىگە بىز <ماقۇل> دېمەيمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئالجىرىيەلىك مەنسەپدىشى ئابدۇلمەجىد تېببۇن بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىىغا ئالاقىدار ئۇچرىشىشلاردا  بولۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە زىيارەتكە كېلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيە ھەيئەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ «بىزنى قايىل قىلىشقا كېلەمدىكەن،  ئەيىپكە بۇيرىمىسۇن، ئۆزلىرىنى بېكار ئاۋارە قىلمىسۇن» دېدى.

ئەردوغان شىۋىتسىيە ۋە فىنلاندىيە ھەققىدە، «ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارىتا ئېنىق ۋە كەسكىن پوزىتسىيەسى بولۇپ باققىنى يوق. ئۇلار دۈشەنبە كۈنى تۈركىيەگە كېلىدىكەن، بىزنى قايىل قىلىشقا كېلەمدىكەن،  ئەيىپكە بۇيرىمىسۇن، ئۆزلىرىنى بېكار ئاۋارە قىلمىسۇن» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئەردوغان: «ھەممىدىن مۇھىمى تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزگەنلەرنىڭ بىر بىخەتەرلىك تەشكىلاتى بولغان ناتوغا كىرىشى ئۈچۈن بىز <ماقۇل> دېمەيمىز» دېدى.

شىۋىتسىيە ۋە فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئەن لىندې ۋە پېككا ھاۋىستو ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر