ئەردوغان بىلەن توكايېۋ بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە-قازاقىستان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، «بىز ئۆتمۈشتىن بېرى سالغان كۆۋرۈكنى كۈچەيتىش ئارقىلىق يولىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

1825112
ئەردوغان بىلەن توكايېۋ بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توكايېۋ بىلەن بىر قاتار كېلىشىملەرگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدىن كېيىن، بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قىلغان سۆزىدە بۇ يىلنىڭ قازاقىستان بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 – يىللىقى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «توكايېۋ ئەپەندىنىڭ يېڭى قازاقىستاننى شەكىللەندۈرۈشتىكى تىرىشچانلىقى ماختاشقا ئەرزىيدۇ» دېدى.

ئەردوغان: «بىز ھەر قانداق شەر - شارائىتتا قازاقىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولىمىز، ئۆتمۈشتىن بېرى سالغان كۆۋرۈكنى كۈچەيتىش ئارقىلىق يولىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. تۈركىيە بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى سودا مىقدارى%58 ئۆرلەپ، 5 مىليارد 300 مىليون دوللاردىن ئاشتى. ئىنشائاللاھ بىز بىرلىكتە تاشلايدىغان قەدەملىرىمىز ئارقىلىق10 مىليارد دوللارلىق نىشانغا يېتىمىز» دېدى.

ئەردوغان قازاقىستان بىلەن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىدىن باشقا يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق مۇنبەرلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان: «تەخمىنەن 19 مىليون نوپۇسى بار قازاقىستان بىلەن 85 مىليون نوپۇسى بار تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى بىلىمىز» دېدى.

مېھمان پىرېزىدېنت توكايېۋ سۆزىنى: «مەن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى قېرىندىشىم رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مۇقەددەس ئانادولۇ زېمىنىغا مېنى رەسمىي تەكلىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن خۇشاللىقىمنى بىلدۈرىمەن. بۈگۈن نۇرغۇن مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزدۇق. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلىملىك ​​ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر سىياسەتچىدۇر. شۇڭا ئۇنىڭ پىكىرلىرى ئىنتايىن مۇھىمدۇر» دېيىش بىلەن باشلىدى.

قاسىم جومەرت توكايېۋ: «قازاقىستان بىلەن تۈركىيە ئورتاق تارىخ يىلتىزىغا ئىگە قېرىنداش ۋە دوست دۆلەتلەردۇر. تۈركىيەدىن ھېچقانداق زىيان كېلىپ باققىنى يوق. ھەر دائىم ياخشىىلىقىنى كۆرۈپ كەلدۇق. ھازىرغا قەدەر مۇشۇنداق بولۇپ كەلدى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر