ئەردوغان: ئۆتمۈشتىن سالغان كۆۋرۈكنى كۈچەيتىش ئارقىلىق يولىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە-قازاقىستان مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ: «بىز ئۆتمۈشتىن سالغان كۆۋرۈكنى كۈچەيتىش ئارقىلىق يولىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

1825002
ئەردوغان: ئۆتمۈشتىن سالغان كۆۋرۈكنى كۈچەيتىش ئارقىلىق يولىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن پايتەخت ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەن قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ بىلەن بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىغاندىن كېيىن، بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ بۇ يىلنىڭ (2022) قازاقىستان بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقنىڭ 30-يىلى ئىكەنلىكىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا: «ھۆرمەتلىك توقايېۋنىڭ يېڭى قازاقىستان قۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقى ماختاشقا ئەرزىيدۇ. بىز ھەر قانداق شەرت-شارائىت ئاستىدا قازاقىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى قوللايمىز، ئۆتمۈشتىن سالغان كۆۋرۈكنى كۈچەيتىش ئارقىلىق يولىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. تۈركىيە-قازاقىستان سودا ئومۇمىي سوممىسى %58 ئېشىپ 5.3 مىليارد دوللارغا يەتتى. ئىنشائاللاھ بۇ رەقەمنى بىرلىكتە باسىدىغان قەدەملەر بىلەن 10 مىليارد دوللارغا چىقىرىش نىشانىغا يېتىمىز. تەخمىنەن 19 مىليون نوپۇسى بار قازاقىستان بىلەن 85 مىليون نوپۇسقا ئىگە تۈركىيەنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىقى ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.

سۆزىنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مۇقەددەس ئانادولۇ تۇپراقلىرىغا رەسمىي تەكلىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىش بىلەن باشلىغان قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ: «بىز بۈگۈن (2022-يىلى 10-ماي) بىر قانچە مەسىلە بويىچە ئىنتايىن مۇھىم كەڭ دائىرىلىك مۇزاكىرەلەرنى ئۆتكۈزدۇق. ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلىملىك ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر سىياسەتچىدۇر. بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ پىكىرى ئىنتايىن قىممەتلىك. قازاقىستان بىلەن تۈركىيە يىلتىزى بىر قېرىنداش ۋە دوست دۆلەتلەر ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيەدىن بىزگە ھېچقانداق يامانلىق كەلمىدى، بەلكى ھەر دائىم ياخشىلىق كۆردۇق. بۈگۈنگىچە مۇشۇنداق بولدى ۋە مۇشۇنداق بولىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر