تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بېلگىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى تەرىپىدىن مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بېلگىيە بىريۇسسېل ھاۋا يوللىرى شىركىتى تەرىپىدىن قىسقا مۇساپىلىك ئاۋىياتسىيە تورى تەرەققىيات مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.

1820361
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بېلگىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى تەرىپىدىن مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىريۇسسېل ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىغا قارىغاندا، 2021-يىللىق بىريۇسسېل ھاۋا يوللىرى شىركىتى مۇنەۋۋەر ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى ماكاپاتلاش دائىرىسىدە، ۋاقىت ۋە ئىقتىدار، ئۇچۇش تورىنى تەرەققىي قىلدۇرغان، بىخەتەرلىك ۋە مۇھىت ساھەلىرىدە يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت قىلغان ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرىگە 12 مۇكاپات تارقىتىلغان.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى،  بېلگىيە تۈرك جامائىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن قويۇق ئۇچۇش پىلانىنى ئىجرا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يىل ئانتاليا ۋە پايتەخت ئەنقەرەگە يېڭى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، قىسقا مۇساپىلىك ئاۋىياتسىيە تورى تەرەققىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «كارانتىن ۋە ساياھەت چەكلىمىلىرىدىن كېيىن، دوستلىرى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىش ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ مۇھىم ئىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر