«پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ھازىرغىچە 57 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1820381
«پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراقنىڭ شىمالىدىن تۈركىيەگە يۈزلەنگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چېگرا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەقسىتىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى پىلان بويىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملاشماقتا ئىكەن.

تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن 17 – ئاپرېل كۈنى باشلىتىلغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا، ھازىرغىچە 57 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان، 369 پارتلاتقۇچ يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئائىت 81 غار ۋە پاناھ جاي، غارلاردا كۆپ ساندا تۇرمۇش بۇيۇملىرى قولغا چۈشۈرۈلگەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەن قورال – ياراغلار ئارىسىدا ئاپتوماتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 94 ئېغىر تىپلىق قورال، راكېتامىيوت ۋە مىناميوت قاتارلىق ئېغىر تىپلىق قوراللاردا ئىشلىتىلىدىغان 20 مىڭدىن ئارتۇق ئوق بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر