چاۋۇشئوغلۇ پانامادا زىيارەتتە بولدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پانامادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

1820215
چاۋۇشئوغلۇ پانامادا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان پانامادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېرىكا موينېس بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى، ھەمدە ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۈركىيە – پاناما ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىمىز بۇلتۇر %50 ئېشىپ، 323 مىليون دوللارغا يەتتى. دىپلوماتىيە، سودا – ئىقتىساد جەھەتتىكى يوشۇرۇن كۈچى بىلەن ئۆز رايونىدا مۇھىم رول ئويناۋاتقان پانامانى قىممەتلىك شېرىك دەپ قارايمىز.  بولۇپمۇ ساياھەت، ئېنېرگىيە ۋە ئەشيا ئوبوروتىدا زور يوشۇرۇن كۈچ بار. بىز ئىمزالايدىغان سودا، ساياھەت ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى، دۆلەتلىرىمىزنىڭ بىرلەشمە ئىقتىسادىي كومىتېت ۋە سودا كېڭىشى قۇرۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ساياھەت ھەمكارلىقى كېلىشىمى سايىسىدا ئىككى دۆلەت بىر - بىرىگە تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ. تۈركىيە بىلەن پانامانىڭ ھەر ئىككىسى ساياھەت دۆلىتىدۇر. تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ پاناما بىلەن ئىستانبۇل ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە ئۇچۇشى توغرىلىقمۇ بىردەكلىك ھاسىل قىلدۇق.»

پاناما ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە تۈرك تىلى ئۆگىتىلىشى ئۈچۈن ھەمكارلىقنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، بۇ ھەقتە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

پاناما تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېرىكا موينېس بولسا، چاۋۇشئوغلۇنىڭ زىيارىتىنىڭ تۈركىيە – پاناما ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى رەسمىي زىيارەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك چاۋۇشئوغلۇ ئەپەندىمنىڭ  دۆلىتىمىزگە قىلغان زىيارىتى دائىرىسىدە، ھەر ئىككى دۆلەتكە پايدىلىق ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقى مەسىلىلىرى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. چاۋۇشئوغلۇنى كۈتۈۋالغانلىقىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشالمىز.»

چاۋۇشئوغلۇ بىلەن تەرتىپسىز كۆچمەنلىك مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان موينېس، بۇ زىيارەت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھىم يەر شارىۋى مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقلىرىنى، ھەمدە مائارىپ ۋە ئاكادېمىيە تېمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، پانامادا زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، لاتىن ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان ۋېنېزۇئېلاغا ئۆتتى.

چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بىرلەشمە ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 3 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسى سۈپىتىدە رىياسەتچىلىك قىلىش ۋە تۈرلۈك ئۇچرىشىشلاردا بولۇش ئۈچۈن ۋېنېزۇئېلاغا يېتىپ كەلدۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر