«مىللىي ئىرادىنى نىشان قىلغان ھەرىكەتلەرگە ھەرگىز يول قويمىدۇق»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ مىللىي ئىرادىسىگە خىرىس ھەم نىشان قىلغان ھەرىكەتلەرگە ھەرگىز يول قويمىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1819447
«مىللىي ئىرادىنى نىشان قىلغان ھەرىكەتلەرگە ھەرگىز يول قويمىدۇق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىستانبۇلدا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئىپتار زىياپىتىدە بىر يەرگە جەم بولدى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ مىللىي ئىرادىسىگە خىرىس ھەم نىشان قىلغان ھەرىكەتلەرگە ھەرگىز يول قويمىدۇق.»

2013 – يىلىدىكى گەزى باغچىسى ۋەقەسى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلىنىۋاتقان كاۋالا ھەققىدە توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «بىر ئادەم توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلغان ئەڭ يېڭى قارار، بەزى كۈچلەرنى بىئارام قىلدى. بۇ كىشى (كاۋالا) تۈركىيەنىڭ (ئوچۇق جەمئىيەت فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى جورج) سوروسى ئىدى. دەرۋەقە، ئۇ گەزى باغچىسى ۋەقەسىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ماسلاشتۇرغۇچىسى ئىدى. بىتەرەپ سوت مەھكىمىلىرىمىزنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە تەشەببۇس قىلغۇچىلارنى جازاغا تارتىشى دېموكراتىيەمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن سوت مەھكىمىلىرىمىزگە رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىراقنىڭ شىمالىدا داۋاملىشىۋاتقان «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا 5 تۈركىيە ئەسكىرىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، 60 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر