چاۋۇشئوغلۇ كولومبىيەدە

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ  كولومبىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

1819453
چاۋۇشئوغلۇ كولومبىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان كولومبىيەنىڭ پايتەختى بوگوتادا، مائارىپ فوندى جەمئىيىتىنىڭ ۋاكالەتخانا بىناسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

 ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت مارشلىرىنىڭ ئوقۇلۇشى بىلەن باشلانغان مۇراسىمدا مېھمانلارغا خىتاب قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، كولومبىيەنىڭ ئۆزىنىڭ لاتىن ئامېرىكا زىيارىتى دائىرىسىدە زىيارەت قىلغان 6 - دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ساھىبخان دۆلەت كولومبىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارتا لۇكا بىلەن مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كولۇمبىيە پىرېزىدېنتى ئىۋان دۇكنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئالاقىدار مىنىستىرلار بىلەن ئىككى تەرەپلىك ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پىرېزىدېنت ئىۋان دۇكنىڭ مېنى كۈتۈۋالغانلىقىغا ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن. كولۇمبىيە لاتىن ئامېرىكاغا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋېتىشىمىزدە مۇھىم مەركەز ھېسابلىنىدۇ.»

مائارىپ فوندى جەمئىيىتىنىڭ 67 دۆلەتتە ئوخشىمىغان سەۋىيەلەردە پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «مائارىپ فوندى جەمئىيىتىمىز، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ 5 – مائارىپ ئورگىنىغا ئايلاندى. سىلەرگىمۇ ئايان بولغىنىدەك، دىپلوماتىك تور ۋە ۋاكالەتخانا سانى جەھەتتىن تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۇنيا بويىچە 5 –  ئورۇندا تۇرىمىز. دەرۋەقە، مائارىپ فوندى جەمئىيىتى، تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق مائارىپ ساھەسىدىكى ماركىسى ۋە ئىپتىخار مەنبەسى بولدى.»

چاۋۇشئوغلۇ، مائارىپ فوندى جەمئىيىتىنىڭ ھازىردىن باشلاپلا كولومبىيەدە مۇھىم پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مائارىپ فوندى جەمئىيىتى كولۇمبىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىرى بولغان Nacional ۋە Externado بىلەن ھەمكارلىشىشقا باشلىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر