چاۋۇشئوغلۇ كولومبىيەنىڭ لاتىن ئامېرىكادىكى ئەڭ مۇھىم شېرىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ لاتىن ئامېرىكادا مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

1819027
چاۋۇشئوغلۇ كولومبىيەنىڭ لاتىن ئامېرىكادىكى ئەڭ مۇھىم شېرىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
Marta Lucia Ramirez-Mevlut Cavusoglu.jpg
Marta Lucia Ramirez-Mevlut Cavusoglu1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ كولومبىيەدە مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارتا لۇسىيا رامىرېز (Marta Lucia Ramirez) بىلەن ئايرىم كۆرۈشتى. ئىككى رەھبەر ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا كۆرۈشۈشلەردىن كېيىن، ئورتاق ئاخبارات ئېلان يىغىنى ئۆتكۈزدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «ماي ئېيىدا كولومبىيە پىرېزىدېنتى ئىۋان دۇگېنى دۆلىتىمىزدە كۈتۈۋېلىشتىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلىمىز. بۇ زىيارەتنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈچۈن تەييارلىقلارنى قىممەتلىك دوستۇم مارتا لۇسىيا رامىرېز بىلەن بىرلىكتە قىلىمىز. بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشلىرىمىزدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئوخشىمىغان ساھەلەر بويىچە تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تاشلايدىغان قەدەملىرىمىزنى مۇزاكىرە قىلىمىز» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ لاتىن ئامېرىكادا مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ: «رايونىمىزدا شۇنچىۋالا مەسىلىلەر بار تۇرسىمۇ، يەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتقان ۋاقىتتا ئىلگىرى پىلان قىلىنغان زىيارىتىمىزنى ئەمەلدىن قالدۇرماسلىقىمىز رايونغا بەرگەن ئەھمىيىتىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.

ئۇ تەخمىنەن 20 يىل ئىلگىرى تۈركىيەنىڭ رايوندا ئالتە ئەلچىخانىسىنىڭ بارلىقىنى خاتىرىلىتىپ: «بۈگۈنكى كۈندە 18 ئەلچىخانىمىز بار، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سان سالۋادوردا ئەلچىخانا ئاچىمىز. بۇنىڭ بىلەن سودا ئومۇمىي سوممىمىز 1 مىليارد دوللاردىن 15 مىليارد دوللارغا چىقىدۇ. بىز كولومبىيەنى لاتىن ئامېرىكادا ئەڭ مۇھىم شېرىكلىرىمىزدىن بېرى سۈپىتىدە كۆرىمىز» دېدى.

ئۇ يېزا ئىگىلىكى، تەشكىللىك جىنايەتلەرگە قارشى كۈرەش ۋە قالايمىقان كۆچ مەسىلىسىدە ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ: «ھەم لاتىن ئامېرىكادا، ھەمدە بىزنىڭ رايونىمىزدا نۇرغۇن دۇنياۋى مەسىلىلەر بار. ئەمما، مەن ئىشىنىمەنكى بىرلىكتە تىرىشساق ۋە ھەرىكەت قىلساق، باشقا شېرىكلىرىمىزگە ئوخشاش بۇ سىناقلارنى ناھايىتى ئاسانلا يىڭەلەيمىز. ئالدىمىزدا كېلىدىغان پۇرسەتلەردىن خەلقلىرىمىز ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى پايدىلىنىمىز» دېدى.

ئاخىرىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئوخشىمىغان ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك كېلىشىملەر ئىمزالاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر