شىمالىي ئىراقتىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا تېررورچىلارنىڭ راكېتامىيوت ھۇجۇمىدا 1 ئەسكەر شېھىت بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «‹پەنجە – قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا، 26 – ئاپرېل كۈنى بىر ئەترىتىمىزگە تېررورچىلارنىڭ راكېتامىيوت بىلەن قىلغان ھۇجۇمىدا قەھرىمان سەپدىشىمىز يۇنۇس قالقان شېھىت بولدى، 4 قەھرىمان سەپدىشىمىز يارىلاندى، يارىدارلار دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بىزنى قاتتىق دەرد – ئەلەمگە تاشلىغان بۇ ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەزىز شېھىدىمىزغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، ئۇنىڭ مۇسىبەتلىك ئائىلىسىگە، تۈركىيە ئارمىيەسىگە ۋە ئەزىز خەلقىمىزگە تەزىيە بىلدۈرىمىز ھەم سەۋر - تاقەت تىلەيمىز، يارىدار خادىملىرىمىزغا شىپالىق تىلەيمىز.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.