تۈركىيە بايدىننىڭ 1915 - يىل ۋەقەلىرى توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە، 1915- يىل ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي پاكىت ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا ماس كەلمەيدىغان بايانلارنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.

1817428
تۈركىيە بايدىننىڭ 1915 - يىل ۋەقەلىرى توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «1915- يىل ۋەقەلىرى ھەققىدىكى تارىخىي پاكىت ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا ماس كەلمەيدىغان بايانلارنىڭ ئەھمىيىتى يوق» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن باياناتىدا: «بۇ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىننىڭ 2021 – يىلى سادىر قىلغان خاتالىقىنىڭ قايتىلىنىشى ماھىيىتىدىكى ئەپسۇسلىنارلىق باياناتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز سىياسىي مۇددىئالارغا ئاساسەن تارىخىي پاكىتلارنى بۇرمىلايدىغان بۇ خىل بايانات ۋە قارارلارنى رەت قىلىمىز، بۇ خاتالىقتا چىڭ تۇرغۇچىلارنى ئەيىبلەيمىز» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە: «تارىختىن دۈشمەن پەيدا قىلىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدىغان بىر تەرەپلىمە، شۇنداقلا تاللاش ئۇسۇلىغا تايانغان پوزىتسىيەلەر ئەخلاقىي جەھەتتىن ساقلىنىۋاتقان مەسىلە بولسا، سىياسىي نۇقتىدىن يامان غەرەزلىك ئىشلاردۇر. ئىنسانىي ۋە ۋىجدانىي پوزىتسىيە مىللىي ياكى دىنىي تەۋەلىكىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، شۇ دەۋردە يۈز بەرگەن بارلىق ئازاب – ئۇقۇبەتلەرنى خاتىرىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. تۈركىيە ئەرمەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل ئوسمانلى خەلقىنىڭ ئازاب – ئۇقۇبەتلىرىنى ھۆرمەت بىلەن خاتىرىلىمەكتە. بىز بۇ ئازاب – ئۇقۇبەتلەرنى سىياسىي ماتاغا ئايلاندۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىنى رەت قىلىمىز. تۈركىيە، 1915 – يىل ۋەقەلىرىگە ئوخشاش تارىخنىڭ دەتالاشلىق دەۋرلىرىنى بىر تەرەپلىمە قاراشلاردىن خالىي ھالدا ئىلمىي ۋە قانۇنىي پىرىنسىپلار دائىرىسىدە تەكشۈرۈپ، ھەقىقەتنى تېپىپ چىقىش تەرەپدارىدۇر. بۇ چۈشەنچە بىلەن تۈركىيە، بىرلەشمە تارىخ كومىتېتى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئارخىپلىرىنى ئاچتى. تۈركىيە ئۆز رايونى ۋە دۇنيادا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ھۆكۈمران بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. ئەرمېنىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش تەشەببۇسىمۇ مەزكۇر چۈشەنچىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسىدۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر