بالىلار بايرىمى تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلەنمەكتە
«23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئېچىلغانلىقىنىڭ 102 – يىللىقى تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلەنمەكتە.
1816787
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئېچىلغانلىقىنىڭ 102 – يىللىقىنى تەبرىكلەش پىروگراممىلىرى دائىرىسىدە، پايتەخت ئەنقەرەدە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنىڭ ئالدىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىمدا، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپنىڭ ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىغا ئاق – قىزىل رەڭلىك گۈلچەمبىرەك قويۇشىدىن كېيىن، ھۆرمەتتە تۇرۇلدى، «ئىستىقلال مارشى» ئوقۇلدى.
مائارىپ مىنىستىرى ماھمۇت ئۆزەرمۇ، «23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق» ۋە «بالىلار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن، ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى.