«23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلەنمەكتە

«23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» بىلەن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئېچىلغانلىقىنىڭ 102 – يىللىقى تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلەنمەكتە.

1816763
«23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەبرىكلەش پىروگراممىلىرى دائىرىسىدە، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىغا گۈلچەمبىرەك قويىدۇ، ھەمدە ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمغا ۋە بىرىنچى مەجلىستىكى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. شۇنداقلا، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى مۇراسىم زالىدا تەبرىكلەرنى قوبۇل قىلىدۇ، بالىلار مەخسۇس ئولتۇرۇشىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، «ئازادلىق لىنىيەسى» ناملىق فىلىمنى كۆرىدۇ.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشى، مەجلىس باشلىقى مۇستافا شەنتوپنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەخسۇس يىغىن چاقىرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر