ئەردوغان: «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى پ ك ك نىڭ جان تالىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ جان تالىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىستانبۇلدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئېلان قىلغان باياناتىدا، 18 – ئاپرېل كۈنى باشلانغان «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە ئىراقنىڭ شىمالىدا داۋاملىشىۋاتقان ‹پەنجە – قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ جان تالىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان مۇھىم بىر ھەرىكەتتۇر. دەرۋەقە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مۇ نۆۋەتتە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم جان تالىشىپ، بولۇپمۇ قەندىل رايونىدىن كەلگەن بۇيرۇق بويىچە ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ‹پەنجە – قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا ھازىرغىچە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ سانى 45 كە يەتتى. تولىمۇ ئەپسۇسكى، بۇ جەرياندا 1 ئەسكىرىمىز شېھىت بولدى. شۇنىڭ بىلەن، شېھىتلىرىمىزنىڭ سانى 3 كە يەتتى. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قەھرىمان ئالاھىدە قىسىملىرىمىز تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.»
«پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ بارلىق تېخنولوگىيەلەرگە تايىنىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «‹پەنجە – قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى تاكى تېررورچىلارنى تازىلاش ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئاخىرلاشقانغا قەدەر ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ. تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىمىزنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىمىز.»
ئەردوغان، ئۇكرائىنا – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە ئالاقىدار بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنداق دېدى: «تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ نەتىجىسى ئىجابىي بولۇۋاتىدۇ، لېكىن دەل بىز ئارزۇ قىلغان سەۋىيەدە ئەمەس. ئەمما نەتىجىسى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بىز ئۈمىدسىز ئەمەسمىز.»