چاۋۇشئوغلۇ لاتىن ئامېرىكادا زىيارەتتە بولىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 6 لاتىن ئامېرىكا دۆلىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.
1816424
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا تۈرلۈك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، 23 – 29 – ئاپرېل كۈنلىرى ئۇرۇگۋاي، بىرازىلىيە، ئېكۋادور، كولۇمبىيە، پاناما ۋە ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق 6 6 لاتىن ئامېرىكا دۆلىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.
مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇنىڭ زىيارىتى ئەسناسىدا، 6 – نۆۋەتلىك تۈركىيە – بىرازىلىيە ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كومىتېتى ۋە 3- نۆۋەتلىك تۈركىيە – ۋېنېزۇئېلا ئورتاق ھەمكارلىق كومىتېتى يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.