«پەنجە – گۈلدۈرماما» رايونىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنجە – گۈلدۈرماما»  ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1815694
«پەنجە – گۈلدۈرماما» رايونىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «قەھرمان قوراللىق قىسىملىرىمىز <پولاتتىنمۇ مۇستەھكەم پەنجىلىرى ئارقىلىق> تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ‹پەنجە – گۈلدۈرماما› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 3 تېررورچى، ئۇرۇش ياردەم ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر