ئەردوغان: مەسجىدى ئەقسادىكى ئۆزگىرىشلەر قايغۇ مەنبەسى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مەسجىدى ئەقسادىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئۆزلىرىگە نىسبەتەن قايغۇ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1814144
ئەردوغان: مەسجىدى ئەقسادىكى ئۆزگىرىشلەر قايغۇ مەنبەسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەھبىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ باش مەركىزىدە بېرىلگەن «ئەنئەنىۋى باش ئەلچىلەر ئىپتار زىياپىتى» دە قىلغان سۆزىدە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قۇددۇستا مەسجىدى ئەقساغا قىلغان ھۇجۇمى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەسجىدى ئەقسادىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈۋاتىمىز، بۇ بىزگە نىسبەتەن ھەقىقەتەنمۇ قايغۇ مەنبەسىدۇر. بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچتا بۇنداق ئىشلارنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىسلام ئۈممىتىنىڭ قاناۋاتقان يارىسى بولغان پەلەستىن داۋاسىغا ساھىب چىقىشنى، پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزنى بارلىق ئىمكانلىرىمىز بىلەن قوللاشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئەسەبىي يەھۇدىيلار، 15 – ئاپرېل كۈنى باشلانغان ۋە ئۇدا بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان «پاسخا بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەسجىدى ئەقساغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتمەكتە.

مەسجىدى ئەقسادا ھۇجۇملارغا تەكبىر ئېيتىش ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان پەلەستىنلىكلەر بولسا، ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ مۇداخىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر