چاۋۇشئوغلۇ: رامىزان ئېيىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى تاسادىپىي ئەمەس

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، خىرىستىيان دىنىغا قارشى تۇرۇش، يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش ۋە ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىشنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1814622
چاۋۇشئوغلۇ: رامىزان ئېيىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى تاسادىپىي ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، خىرىستىيان دىنىغا قارشى تۇرۇش، يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش ۋە ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىشنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەر خىل شەكىلدىكى ئىرقچىلىققا قارشى كۈرەشنى بىرلىكتە داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىردى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار، قوشۇمچە تاشقى سودا مىنىستىرى پېتىر سيججارتو پايتەخت ئەنقەرەدىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىدا قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

چاۋۇشئوغلۇ غەربتىكى ئىرقچىلىق ۋە ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ھۇجۇملىرىنىڭ رامىزان ئېيىدا كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «شىۋىتسىيەدىكى يېڭى ناتسىستلار ئېقىمىغا مەنسۇپ بىر سىياسىيەتچى ساقچىلارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈردى. يەنە بىر تەرەپتىن، 15-ئاپرېل ئامېرىكانىڭ نيۇيورك شەھىرىدە بىر پۇقرايىمىز ئىرقچى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. 16 – ئاپرېل گېرمانىيەنىڭ دورتموند شەھىرىدىكى دىيانەت ئىشلىرى تۈرك – ئىسلام بىرلىكى قارمىقىدىكى بىر جامەگە چوشقا سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تەھدىت  خەتلىرى كەلدى» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ، 16-ئاپرېل كانادادا تاراۋىدىن چىقىۋاتقان جامائەتنىڭ ئوققا تۇتۇلغانلىقىنى، ۋەقەدە 5 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا: «18 – ئاپرېل (ئامېرىكانىڭ) ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدىكى بىر جامەنىڭ تېمىغا مۇسۇلمانلارغا قارشى يازمىلار يېزىلدى. ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە ئەلئەقسا مەسجىدىدە قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 18، يارىلانغانلار ئومۇمىي سانى 400 دىن ئېشىپ كەتتى. پەقەت ئەلئەقسا مەسجىدىنىڭ ئىچىدىلا 200 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك يارىلاندى. ھازىر بىز رامىزان ئېيىدىكى بۇ ئېشىشنى تاسادىپىيلىق ئەمەس دەپ قاراۋاتىمىز» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ، بولۇپمۇ غەربتە سىياسىي پارتىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى ناتسىستلار ھەرىكىتىنىڭ ئىرقچىلىق ۋە ئىسلامغا قارشى ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى بايان قىلىپ: «سايلامدا قوللاشنى يوقىتىپ قويغان (غەربتىكى) ئىرقچى پارتىيەلەر تېخىمۇ رادىكاللىشىشقا باشلىدى. تۈركلەر ۋە مۇسۇلمانلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز خىرىستىيان دىنىغا قارشى تۇرۇش، يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش ۋە ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىشنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ قارايمىز. بۇ يۆنىلىشتىكى ھەر قانداق ھۇجۇمغا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. ھەر خىل ئىرقچىلىققا قارشى كۈرەشنى بىرلىكتە داۋاملاشتۇرۇشىمىز لازىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ شىۋىتسىيەدىكى ئىغۋاگەرچىلىك توغرىسىدا توختىلىپ: «شىۋېتسىيەدە ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا قۇرئاننى كۆيدۈرۈشنىڭ مەنىسى نېمە؟ شىۋېتسىيە بۇنى پىكىر ئەركىنلىكى، سۆز ئەركىنلىكى ياكى ھەرىكەت ئەركىنلىكى دەپ قارايدۇ. ھەرقانداق بىر دىن، ئىنسان ياكى بىرەر مۇقەددەس ئورۇنغا ۋەياكى جامەگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەركىنلىك بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟» دەپ سورىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر