ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى كارل نېھاممېر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1812589
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېلېفون سۆھبىتىدە، 24 – فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ۋە تۈركىيە – ئاۋسترىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشتا ئىنسانىي تىراگېدىيەگە خاتىمە بېرىش ۋە ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش، تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئىستانبۇل مۇساپىسىنى قوللاش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

كىرىزىسنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش يولىدا داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى بايان قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئۇرۇشنى بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە تۈركىيەنىڭ  جارى قىلدۇرۇۋاتقان رولىغا يۇقىرى باھا بەرگەنلىكى ۋە ئىستانبۇل مۇساپىسىنى قوللىغانلىقى سەۋەبلىك، ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى نېھاممېرغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر