قالىن: تۈركىيە كۆپ يۆنىلىشلىك تەشەببۇسلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن تۈركىيەنىڭ تەڭپۇڭلۇق پوزىتسىيەسىنى ساقلاپ، بۇ ھالقىلىق مەزگىلدە تىنچلىق، مۇقىملىق، بىخەتەرلىك ۋە ئادالەت ئورنىتىش ئۈچۈن كۆپ يۆنىلىشلىك تەشەببۇسلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1812000
قالىن: تۈركىيە كۆپ يۆنىلىشلىك تەشەببۇسلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قالىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە،  24 – فېۋرال كۈنى پارتلىغان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ بارغانسېرى چوڭقۇرلاشقان ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۆزئارا خاتالىقلار، يېڭى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ئىزدىنىشلىرى ۋە قىسقا مۇددەتلىك مەنپەئەت پىلانلىرى، ئوتتۇرا – ئۇزاق مەزگىللىك زور ئىستراتېگىيەلىك زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ ۋە ئىنسانىي تىراگېدىيەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نۆۋەتتە بىز يېپيېڭى بىر سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىگە قەدەم قويدۇق. بۇ ئۇرۇشنىڭ تەسىرى نەچچە ئون يىل داۋاملىشىدۇ. يېمەكلىك ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىدىن گېئوپولىتىكىلىق سىياسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە رايونلۇق  ئىتتىپاقداشلىقلارغىچە بولغان ھەر ساھەدە يېڭى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ئورنىتىلىدۇ. تۈركىيە تەڭپۇڭلۇق پوزىتسىيەسىنى ساقلاپ، بۇ ھالقىلىق مەزگىلدە تىنچلىق، مۇقىملىق، بىخەتەرلىك ۋە ئادالەت ئورنىتىش ئۈچۈن كۆپ يۆنىلىشلىك تەشەببۇسلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر