قالىن ئامېرىكا سىياسىي ئىشلار  مەسلىھەتچىسى نۇلاند بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سىياسىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى ۋىكتورىيە نۇلاند بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

1807375
قالىن ئامېرىكا سىياسىي ئىشلار  مەسلىھەتچىسى نۇلاند بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى بايانات ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قالىن بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سىياسىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى ۋىكتورىيە نۇلاندنىڭ جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشىدا، رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرىيە، ئەزەربەيجان، ئەرمېنىيە ۋە ئىسرائىلىيە قاتارلىق رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان، شۇنداقلا، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، دۆلەت مۇداپىئەسى ھەمكارلىقى، تۈركىيە – ئامېرىكا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى كۆزدىن كەچۈرۈلگەن.

ئۇچرىشىشتا، ئىستانبۇلدا 29 – مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە – ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ مۇزاكىرىلەرگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا خاتىمە بېرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا تۈركىيەنىڭ ناھايىتى مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

تۈركىيە تەرەپ، ئامېرىكا تەرەپكە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە، تۈركىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كارىدورلىرىنىڭ ئېچىلىشى يولىدا دىپلوماتىك تەشەببۇسلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى يەتكۈزگەن.

ئۇچرىشىشتا يەنە، تۈركىيە – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىستىراتېگىيەلىك مېخانىزمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنىڭ تولىمۇ خۇشاللىنارلىق ئەھۋال ئىكەنلىكى، بۇ مېخانىزمنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر