سوباجى: «‹TRT Türk› قانىلى» بارلىق قېرىنداش تۈركلەرنىڭ ساداسى بولىدۇ

تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئورگىنى (TRT) نىڭ باش مۇدىرى زاھىد سوباجى، «‹TRT Türk› قانىلى» نىڭ تۈركىيە سىرتىدا ياشاۋاتقان بارلىق قېرىنداش تۈركلەرنىڭ ساداسى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1806044
سوباجى: «‹TRT Türk› قانىلى» بارلىق قېرىنداش تۈركلەرنىڭ ساداسى بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سىرتىدا ياشاۋاتقان تۈركلەرنىڭ مىللىي، مەنىۋى قىممەت ئۆلچەملىرى، ئۆرپ – ئادەتلىرى ۋە ئەنئەنىلىرىنى ياشىتىش ۋە تۈركلەرنىڭ مەدەنىيىتى ھەم ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىۋاتقان «‹TRT Türk› قانىلى»، يېپيېڭى پىروگراممىلىرى بىلەن يېڭى تارقىتىش دەۋرىگە قەدەم قويدى.

تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئورگىنىنىڭ باش مۇدىرى زاھىد سوباجى، ئىستانبۇل سىركەجى پويىز ئىستانسىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تونۇشتۇرۇش پىروگراممىسىدا، «‹TRT Türk› قانىلى» نىڭ مەخسۇس تارقىتىش پىروگراممىسى بىلەن يېڭى تارقىتىش دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىنى، قانالنىڭ بىر گەۋدىلىشىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن تارقىتىش بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «‹TRT Türk› قانىلى» نىڭ ھەم چەت ئەلدىن تۈركىيەگە، ھەمدە تۈركىيەدىن چەت ئەلگە قارىتا كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۇنيانىڭ قەيېرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر بىر پۇقرامىزنىڭ، ھەر بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئۆزىنى يالغۇز ھېس قىلماسلىقى، چوڭ ئائىلىمىزنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى، شۇنداقلا، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ھەر بىر شەخسنىڭمۇ چەت ئەلدىكى قېرىنداشلىرىدىن كۈچ-قۇۋۋەت ئالالىشى، ئىستىراتېگىيەلىك نىشانىمىزدۇر. TRT ئائىلىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە، كۈچلۈك ۋە بۈيۈك تۈركىيە يولىدا زۆرۈر خىزمەتلەرنى ئىشلەش، بىزنىڭ مەڭگۈ باش تارتالمايدىغان مۇقەددەس بۇرچىمىز، دەپ قارايمىز. TRT World ، TRT Arabi ، TRT Deutsch ، TRT Russian ، TRT Avaz ۋە ئاخىرىدا ‹TRT Türk› قانىلى قاتارلىقلارنى ئۈنۈملۈك ۋە پايدىلىق شەكىلدە خىزمەت قىلدۇرۇۋاتىمىز. بۇ دائىرىدە، ‹TRT Türk› قانىلى، تۈركىيە سىرتىدىكى قېرىنداشلىرىمىز ياشاۋاتقان رايونلاردا، ئۇلارنىڭ ئۆز زېمىنىدا زۇلۇم، كەمسىتىلىش، ئادالەتسىزلىك ۋە چەتكە قېقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان تارقىتىش ئېڭى ئاساسىدا، ئۇلارنىڭ ساداسى بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر