ئەردوغان زېلېنسكىي-پۇتىن ئۇچرىشىشىدىن مەمنۇن بولىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ئىنشائاللاھ زېلېنسكىي بىلەن پۇتىننى ئىستانبۇلدا ئۇچراشتۇرۇش پىلانىنى-بۇ سەلبىي ۋەزىيەتنى ئىجابىيلىققا ئايلاندۇرۇش قارارىنى ئۇ ئىككىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرالىساق ئىنتايىن مەمنۇن بولىمىز» دېدى.

1805736
ئەردوغان زېلېنسكىي-پۇتىن ئۇچرىشىشىدىن مەمنۇن بولىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا كۈنتەرتىپ مەسىلىلىرى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ: «بولۇپمۇ قىرىم ۋە دونباس نۇقتىسىدا بىر قەدەم تاشلىنىشى ئۈچۈن رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ مەسىلىگىمۇ ساھىبخانلىق قىلالايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق. ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ئىجابىي قاراۋاتىدۇ. رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ قارىشىمۇ ئىجابىي. ۋاقىتنى ئۇلار بېكىتىدۇ. ئىستانبۇلدا مۇشۇنداق رەھبەرلەر يىغىنىنى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە سەلبىي ۋەزىيەتنى ئىجابىيلىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ قارارىنى ئىككى رەھبەر بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرالىساق، بىزمۇ تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىنتايىن مەمنۇن بولىمىز» دېدى.

ئۇ قارا دېڭىزدا ئىلگىرىلەۋاتقان سۇ مىنالىرى توغرىسىدا توختىلىپ: «ھازىر مەسىلە يوق، ئەمما ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قولدىن بېرىپ قويمايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر