ئەردوغان ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەتە (2022-يىلى 29-مارت) ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1803129
ئەردوغان ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئۆزبېكستان زىيارىتى ئەسناسىدا، تۈركىيە – ئۆزبېكىستان ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 2 – نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ چاقىرىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئەردوغاننىڭ ناھايىتى كۆپ كىشىلەردىن تەشكىل تاپىدىغان ھەيئەت بىلەن بىرلىكتە قىلىدىغان زىيارىتى جەريانىدا، ئىككى تەرەپلىك كېلىشىملەر ئارقىلىق دۆلەتلەر ئارا ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشى كۈتۈلمەكتە.

2018 – يىلى قۇرۇلغان تۈركىيە – ئۆزبېكىستان ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنى، 2020 – يىلى پايتەخت ئەنقەرەدە چاقىرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر