قالىن رۇسىيە – ئۇكرائىنا مۇزاكىرىلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشقا دەرھال خاتىمە بېرىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك پائالىيەتلىرى ۋە تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1802823
قالىن رۇسىيە – ئۇكرائىنا مۇزاكىرىلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قالىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا مۇزاكىرە ھەيئەتلىرىنىڭ كېلەر قېتىملىق يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇزاكىرىلەردە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش ۋە رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشقا دەرھال خاتىمە بېرىش يولىدا دىپلوماتىك پائالىيەتلىرىمىز ۋە تىرىشچانلىقلىرىمىز ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر