چاۋۇشئوغلۇ قاتاردا زىيارەتتە بولىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 25 – 26 – مارت كۈنلىرى چاقىرىلىدىغان «دوھا مۇنبىرى» يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قاتاردا زىيارەتتە بولىدۇ.
1801986
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بىلدۈرۈشىچە، چاۋۇشئوغلۇنىڭ، قاتار زىيارىتى دائىرىسىدە، «دوھا مۇنبىرى» يىغىنىغا قاتنىشىدىغان باشقا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.