تۈركىيە سومالىغا ۋاكسىنا يوللىدى

تۈركىيە كوۋىد-19 يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرىگە ھەمدەم بولۇش مەقسىتىدە سومالىغا 290 مىڭ قۇتا ۋاكسىنا يوللىدى.

1800678
تۈركىيە سومالىغا ۋاكسىنا يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ موقدىشۇدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان 3 – نۆۋەتلىك تۈركىيە – ئافرىقا شېرىكلىك مۇناسىۋىتى باشلىقلار يىغىنىدا (2021 – يىل 18 – دېكابىر) ئۇقتۇرغان «ئافرىقانى 15 مىليون قۇتا ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەش» پىروگراممىسى دائىرىسىدە سومالىغا تۇنجى تۈركۈم ۋاكسىلارنىڭ تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پايتەخت موقدىشۇغا يېتىپ بارغان 290 مىڭ 400 قۇتا سنوۋاك ۋاكسىنىسى سومالىلىق  ئەمەلدارلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر