قالىن ئۇرۇش توختىتىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنىڭ دەرھال توختىتىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇرۇش توختىتىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى.

1786385
قالىن ئۇرۇش توختىتىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قالىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ تۆتىنچى كۈنى جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ چاقىرىقىنى تەكرارلايمىز: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى دەرھال توختىتىلىشى كېرەك، ئۇرۇش توختىتىش مەقسىتىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىنىشى لازىم، ئادالەتسىز ۋە قانۇنسىز بۇ ئۇرۇشنىڭ ئالدىدا، ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ تېخىمۇ كۆپ دەرد - ئەلەم تارتماسلىقى ئۈچۈن، داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر