ئەردوغان: ھەر ئىككى دۆلەتتىن ۋاز كېچىشىمىز مۇمكىن ئەمەس

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا كىرىزىسى ئۈستىدە توختالغاندا: «ھەر ئىككى دۆلەتتىن ۋاز كېچىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. بىز ھېچبىرىدىن ۋاز كەچمەستىن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان قەدەمنى تاشلاشنى مەقسەت قىلىۋاتىمىز» دېدى.

1783810
ئەردوغان: ھەر ئىككى دۆلەتتىن ۋاز كېچىشىمىز مۇمكىن ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئافرىقا زىيارىتىدىن قايتىۋاتقاندا، ئايروپىلاندا مۇخبىرلارنىڭ كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ 20-فېۋرالدا (2022) كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى بىلەن باشلانغان ئافرىقا زىيارىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى سەۋەبىدىن زىيارەتنى يېرىم يولدا توختىتىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«دۆلىتىمىزنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە بىلدۈردۈم. مىنسك كېلىشىمىگە ئوچۇقتىن ئوچۇق خىلاپ بولغان ھەر قانداق ھەرىكەتنى قوبۇل قىلمىغانلىقىمىزنى، قىلمايدىغانلىقىمىزنىمۇ قايتا-قايتا تەكىتلىدىم. يەنە، كىرىزىس تېخىمۇ چوڭايماستىن دىپلوماتىيە ۋە دىيالوگ يولى بىلەن ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ئۈستىمىزگە چۈشكەن ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتتىم.»

ئۇ قارادېڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت سالىدىغان مەۋجۇت ۋەزىيەتنى ناتو دۆلەتلىرى بىلەن مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقلىرىنى، ناتو يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ ئىنتېرنېتتا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «قارادېڭىزدا قوشنىلىرىمىز بولغان  رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ بالدۇرراق مۇزاكىرە ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ئۇ ناتو يىغىنىدىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا: «ھازىرچە ئۇكرائىناغا رەسمىي ئەسكەر ئەۋەتىشتەك ئەھۋالغا دۇچ كەلمىدۇق. ھەممە گەپ قىلىۋاتىدۇ، ئەمما ھەرىكىتى يوق. ئەھۋال مۇشۇنداق بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا، رۇسىيە چېگرادا ئېغىزغا ئالغۇدەك دەرىجىدە ئەسكەر توپلىدى. ئەلۋەتتە، بۇنداق ۋەزىيەتتە نەتىجىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن كاھىن بولمىساقمۇ بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ناتو يىغىنىدا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى نېمىلەرنى دەيدۇ، قاراپ باقايلى. بىز دەيدىغانلىرىمىزنى ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىگە قارىتا بەلگىلەيمىز، شۇنداقلا مەيدانىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ بۇ ئىككى دۆلەتتىن قايسنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا: «ھەر ئىككىسىدىن ۋاز كېچىشىمىز مۇمكىن ئەمەس» دەپ جاۋاب بەردى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر