قالىن ۋە ئۆنال ئابباس بىلەن كۆرۈشتى

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن بىلەن تۈركىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىدات ئۆنالنى راماللاھتا قوبۇل قىلدى.

1780056
قالىن ۋە ئۆنال ئابباس بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەلەستىندە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان تۈركىيە ھەيئىتى، رامماللاھتا پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان.

تۈركىيە – پەلەستىن مۇناسىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە ھەيئىتىنىڭ «ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈمگە ئاساسلىنىدىغان ھەل قىلىش چارىسى دائىرىسىدە تۈركىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيە ھەيئىتى، پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ئەلمالىكى بىلەنمۇ كۆرۈشكەن. تۈركىيەنىڭ پەلەستىندە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى باش ئەلچى ئەھمەد رىزا دەمىرەرمۇ ئىشتىراك قىلغان ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، قالىن بىلەن ئۆنالنىڭ، بۈگۈنمۇ ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە پىرېزىدېنت مەھكىمىسى دائىرىلىرى بىلەن بىر  يەرگە جەم بولۇشى پىلانلانماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر