بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 258 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە (2022-يىلى 17-فېۋرال) 258 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى.
1780668
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن بىر كۈندە 465 مىڭ 563 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 92 مىڭ 406 كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى.
يېقىنقى 24 سەئەتتە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 103 مىڭ 988 بولدى.
بۈگۈنگىچە تۈركىيەدە 144 مىليون 599 مىڭ ۋاكسىنا ئەملەندى.