ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى زىيارىتىدىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى زىيارىتىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنىڭمۇ تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1778234
ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى زىيارىتىدىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىككى كۈنلۈك زىيارەت ئۈچۈن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قاراپ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە يېڭى دەۋرنىڭ باشلانغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە مۇنداق دېدى:

«زىيارەتتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلىرىنىمۇ تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىمىز. مۇزاكىرەلەردە، 8 مىليارد دوللارغا يەتكەن سودا ئومۇمىي سوممىسى بىلەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سودا شېرىكلىك مۇناسىۋىتىمىز بار. تۈركىيەنىڭ بىناكارلىق شىركەتلىرى بۈگۈنگىچە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە قىممىتى 13 مىليارد دوللارغا يېتىدىغان 141 لايىھەنى ئۈستىگە ئالدى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بۇ رەقەملەر نەتىجىسىدە، تۈركىيە بىناكارلىق ساھەسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئونىنچى بازىرى ھېسابلىنىدۇ.»

ئۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭمۇ تۈركىيەدىكى دىنامىك سېلىنما مۇھىتىغا مۇھىم ھەسسىلەرنى قوشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان قۇرۇلمىسى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەۋجۇت رەقەملەرنىڭ ئۈستىدە يوشۇرۇن كۈچنىڭ بارلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. زىيارىتىمىزنىڭ مەقسىتى، بۇ يوشۇرۇن كۈچنى تېز سۈرئەتتە ئەمەلگە ئاشۇرۇش. ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن كۆرۈشىمەن. زىيارىتىمىز ۋەسىلىسى بىلەن، نۇرغۇن ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلىرىمىزدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىدىغان قەدەملەرنىڭ بېسىلىشىنى نىشان قىلىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە: «بۈگۈن ۋە ئەتە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان كۆرۈشۈشلىرىمىزدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنىمۇ تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر