ئەدىرنەدە توڭلاپ ئۆلگەن مۇساپىرلار سانى ئاشتى

ئەدىرنە ۋىلايىتىنىڭ ئىپسالا ناھىيەسىدە تۆت كۆچمەن مۇساپىرنىڭ جەسىتى تېپىلدى.

1772875
ئەدىرنەدە توڭلاپ ئۆلگەن مۇساپىرلار سانى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەدىرنە ۋالىي مەھكىمىسى تۆت نەپەر كۆچمەن مۇساپىرنىڭ جەسىتى تېپىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «رايوندا ئېلىپ بېرىلغان ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، ناھايىتى ئەپسۇسكى يەنە تۆت كۆچمەن مۇساپىرنىڭ جەسىتى تېپىلدى. مەزكۇر خەۋەر خەلق ئاممىسىغا چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە ئۇقتۇرۇلدى» دېيىلدى.

ئەدىرنەنىڭ ئىپسالا ناھىيەسىدە بۇ ۋەقە بىلەن، تۈنۈگۈن (2022-يىلى 2-فېۋرال) دىن تارتىپ توڭلاپ جېنىدىن ئايرىلغان كۆچمەن مۇساپىرلارنىڭ سانى 16 گە چىققان بولدى.

تۈنۈگۈن ئىپسالا ناھىيەسىنىڭ پاشاكۆي يېزىسى مانداكورۇ نۇقتىسىدا 11 كۆچمەن مۇساپىرنىڭ جەسىتى تېپىلغان ئىدى. قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان بىر كۆچمەن مۇساپىر بولسا، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.

قوراللىق ساقچى قىسىم، چېگرا قوغداش خادىملىرى، ساقچى، تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى رايوندا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى باشلىۋەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر