ئەردوغان 15 مىڭ ئوقۇتقۇچىنى خىزمەتكە تەيىنلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «كوۋىد-19 يۇقۇمى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن، مەملىكەت مىقياسىدا مائارىپ پائالىيىتىنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرالىغان ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇق» دېدى.

1771032
ئەردوغان 15 مىڭ ئوقۇتقۇچىنى خىزمەتكە تەيىنلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە بەشتەپە دۆلەت قۇرۇلتىيى ۋە مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 15 مىڭ ئوقۇتقۇچىنى خىزمەتكە تەيىنلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «بىز 2021- 2022- ئوقۇش يىلىنى يۇقۇم ئەھۋالىغا قارىماستىن، ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدۇق. يۈز تۇرانە مائارىپنى داۋاملاشتۇرالىغان ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇق. دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر مەۋجۇت ئوقۇتقۇچىلار سانىنىمۇ ساقلاپ قالالمىغان بىر مەزگىلدە، بىز يېڭى ئوقۇتقۇچىلارنى خىزمەتكە تەيىنلەشنى داۋاملاشتۇردۇق. بۈگۈنكى ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى قوشقاندا بىز يېقىنقى 19 يىلدا 729 مىڭ 487 ئوقۇتقۇچىنى خزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان بولدۇق» دېدى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ھەر بىر ئوقۇتقۇچىغا چۈشىدىغان ئوقۇغۇچى سانىدىمۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى (OECD) نىڭ ئۆلچىمىگە يەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ مالىيە ۋە خۇسۇسىي ھەق - ھوقۇقلىرىنى ياخشىلاشتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. ياۋروپا بويىچە يېقىنقى 19 يىلدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى ئەڭ يۇقىرى كۆتۈرگەن دۆلەت، تۈركىيە بولدى» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر