دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانى سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانى سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، سۈركىلىشنى پەسەيتىشكە چاقىردى.

1769543
دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانى سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە چاقىرىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياننامەدە، يىغىندا، تۈركىيەنىڭ 2021 – يىللىق مىللىي بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولغان سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرگە كەڭ دائىرىلىك قاراپ چىقىلغانلىقى، 2022 – يىلى دۇچ كەلگۈسى خىرىسلار ۋە بۇ دائىرىدە تاشلانغۇسى قەدەملەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «يىغىندا، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشپ كېتىشى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى. جىددىيلىكنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى يوقتۇر. بارلىق تەرەپلەرنى سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، جىددىيلىكنى پەسەيتىشكە چاقىرىمىز. يىغىندا يەنە، كاۋكاز رايونىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان مېخانىزملار ۋە بۇ ھەقتە كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنى، تۈركىيە ۋە ئەرمېنىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تەرەپلەرنىڭ  ئىجابىي ۋە سەمىمىي تىرىشچانلىقى سايىسىدا تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىغانلىقى تەكىتلەندى. بىپەرۋالىق بىلەن خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىۋاتقان ۋە ھەقىقەتنى بۇرمىلاپ ھەم كېلىشىملەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇۋاتقان گىرېتسىيە، بىزنىڭ دىيالوگ ۋە ھەمكارلىق چاقىرىقىمىزغا سەمىمىي جاۋاب قايتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىندى، بىزنىڭ ئەگە دېڭىزى ۋە ئاقدېڭىزدىكى قانۇنلۇق ھوقۇقىمىز ۋە مەنپەئەتىمىزنى قوغداش ئىرادىمىزنىڭ قەتئىيلىكى تەكىتلەندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر