ئەردوغان: رۇسىيەنىڭ ئىشغال يولىنى تاللىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىشغال يولىنى تاللىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1768947
ئەردوغان: رۇسىيەنىڭ ئىشغال يولىنى تاللىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، خۇسۇسىي بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدا، كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەر ۋە رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش ھەققىدە توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «ئەگەر رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى ئارزۇ قىلغان تەقدىردە، بۇ ئىككى رەھبەرنى دۆلىتىمىزدە بىر يەرگە جەم قىلىپ، تىنچلىق مۇھىتىنىڭ قايتىدىن بەرپا قىلىنىشىغا ئېلىپ بارىدىغان يولنى ئېچىشىمىز مۇمكىن. دۆلىتىمىز ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىشىنى باشتىن تارتىپلا  قوللاپ كەلدى، بۇ پوزىتسىيەمىزنىڭ ئۆزگىرىشى مۇمكىن ئەمەس.  رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىشغال يولىنى تاللىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. دەرۋەقە، بۇنداق بىر قەدەم، ھەم رۇسىيە ھەم رايونىمىز ئۈچۈن ئەقىل – پاراسەتكە تايىنىپ تاشلانغان قەدەم بولمايدۇ.»

شەرقىي ئاقدېڭىزدا تۈركىيەنى يوققا چىقىرىدىغان ھەرقانداق بىر لايىھەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى يىتزاق ھېرزوگنىڭ فېۋرال ئېيىنىڭ باشلىرىدا تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇشىنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ زىيارەت بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە – ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىدە يېپيېڭى بىر دەۋر باشلىنىشى مۇمكىن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر