سويلۇ گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ گېرمانىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار ۋە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى نەنسى فايسېر بىلەن ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق كۆرۈشتى.

1768594
سويلۇ گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇچرىشىشتا، سويلۇ، گېررمانىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار ۋە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى نەنسى فايسېر بىلەن ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ يېڭى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىگەن، ھەمدە بىخەتەرلىك ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان ھەمكارلىق ھەم دىيالوگ مېخانىزمىنىڭ دائىرىسىنى ئالدىمىزدىكى باسقۇچتىمۇ ھەمراھلىق ۋە مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق تېخىمۇ كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.

ئىككى مىنىستىرنىڭ ئۇچرىشىشىدا يەنە، تەرتىپسىز كۆچملىككە قارشى كۈرەش، (تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا 2016 – يىلى كۆچمەنلەر ھەققىدە ئىمزالانغان) 18 – مارت كېلىشىم لايىھەسى، ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىلىرى ۋە يەر شارىۋى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر