تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 156 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد-19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 145 كىشىىگە يەتتى.
1767704
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 401 مىڭ 636 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 67 مىڭ 23 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.
بىر كۈن ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 78 مىڭ 362 كىشىگە يەتتى.
تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 140 مىليون 938 مىڭ 758 گە يەتتى.