ئەردوغاننىڭ «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا مۇمكىن» ناملىق كىتابى ئەرەبلەر ئارىسىا زور قىزىقىش قوزغىدى

قاتاردا ئۆتكۈزۈلگەن 31-نۆۋەتلىك دوھا خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا مۇمكىن» ناملىق كىتابى كىشىلەرنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىدى.

1766935
ئەردوغاننىڭ «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا مۇمكىن» ناملىق كىتابى ئەرەبلەر ئارىسىا زور قىزىقىش قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھامىد بىن خەلىفە ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتى مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، نۇرا ياماچ تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا مۇمكىن» ناملىق كىتاب 31-نۆۋەتلىك دوھا خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسىدە نەشرىياتنىڭ ئەڭ كۆپ تەلەپ قىلىنغان كىتابلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

نەشرىياتنىڭ مۇدىرى بەششار شەبارۇ، «بۇ كىتاب تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق كىتاب يەرمەنكىسىدە ئورۇن ئالدى. بىز كىتابنى 23-فېۋرالدىن 5-مارتقىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ماسقات خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسىدىمۇ ئوقۇرمەنلەر ۋە قىزىقىدىغانلارنىڭ دىققىتىگە سۇنۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

بەششار شەبارۇ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ كىتابىغا بولغان تەلەپنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «يەرمەنكىنىڭ ئاخىرىقى كۈنىگە كەلگەنلىكىمىزگە قارىماستىن، زىيارەتچىلەر ھازىرمۇ كۆپلەپ سېتىۋېلىش ئۈچۈن سەلدەك ئاقماقتا» دېدى.

بۇ يىل«ئىلىم نۇردۇر» تېمىسىدا 13- يانۋاردىن 22 – يانۋارغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان دوھا خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسىگە 37 دۆلەتتىن 430 نەشرىيات قاتناشتى.

پارىس قولتۇقى رايونىدىكى ئەڭ قەدىمىي ۋە ئەڭ چوڭ كىتاب يەرمەنكىلىرىنىڭ بىرى بولغان دوھا خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسى، 1972-يىلى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ۋە ئۇزۇندىن بۇيان ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 2002-يىلدىن كېيىن ھەر يىلى بىر قېتىم  ئۆتكۈزۈلىدىغان بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر