ئەردوغان ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىيسى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىيسى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1766873
ئەردوغان ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىيسى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تېلېفون سۆھبىتىدە تۈركىيە-ئىران مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

سۆھبەتتە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پات يېقىندا تېھراندا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى ۋە بۇ دائىرىدە ئىمزالىنىدىغان كېلىشىملەرگە دائىر خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە بىر تەرەپتىن، كاۋكاز رايونىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ھاكىم قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلارنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ دائىرىدە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن بىرلىكتە قۇرۇپ چىققان 3 + 3 مۇنبىرى يىغىنىدىن كېيىن، بۇ يىغىننىڭمۇ تۈركىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۇلىشىنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر