ئاقار ئىراق چېگراسىدا

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ھەمراھلىقىدىكى قوماندانلار بىلەن بىرلىكتە ئىراق چېگراسىدا ۋەزەپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيە قىسىملىرىنى زىيارەت قىلدى.

1766447
ئاقار ئىراق چېگراسىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر،  قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال مۇسا ئاۋسەۋەر، دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانى ئادمىرال ئادنان ئۆزبال ۋە ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانى گېنېرال ھەسەن كۇچۇكئاقيۇز قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە شېرناكقا يېتىپ باردى.

ئايرودۇرۇمدا ۋالىي ئەلى ھەمزە پەھلىۋان ۋە باشقا مەسئۇللار تەرىپىدىن قارشى ئېلىنغان ئاقار، ئىراق چېگراسىدا ۋەزەپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيە قىسىملىرىنى زىيارەت قىلدى، ھەمدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى.

23-پىيادە ئەسكەرلەر دېۋىزىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىنىمۇ زىيارەت قىلغان ئاقار ۋە ئۇنىك ھەمراھلىقىدىكى تۈركىيە ئارمىيەسى قوماندانلىرى، چېگرا لىنىيەسى ۋە چېگرا لىنىيەسىنىڭ سىرتىدىكى قىسىملارنىڭ قوماندانلىرى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر