بۇكېلې: تۈركىيەنىڭ تەرەققىياتىنىڭ بىر پارچىسى بولۇشنى خالايمىز

سالۋادور پىرېزىدېنتى نايب بۇكېلې، دۆلىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ، دۇنيادا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئۆتكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1766022
بۇكېلې: تۈركىيەنىڭ تەرەققىياتىنىڭ بىر پارچىسى بولۇشنى خالايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سالۋادور پىرېزىدېنتى نايب بۇكېلې، دۆلىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ، دۇنيادا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئۆتكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «بىز تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشىنىڭ بىر پارچىسى بولۇشنى خالايمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت نايىب بۇكېلې جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىغاندىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

تۈركىيەنىڭ سالۋادور ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ۋە تۈركىيەدە زور يوشۇرۇن كۈچنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكلىرىنى تەكىتلىگەن مېھمان پىرېزىدېنت بۇكېلې: «تۈركىيە زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلماقتا. بىز بۇنى كۆرۈۋاتىمىز. ئۇ ھازىر كۈچلۈك، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۈچلىنىپ، دۇنياغا نىسبەتەن مۇھىم ئورۇنغا ئۆتىدۇ. بىزمۇ تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشىنىڭ بىر پارچىسى بولۇشنى، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇشنى خالايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر