تۈركىيە – قاتار ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالاندى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا قاتار شۇرا مەجلىسىنىڭ باشلىقى ھەسەن بىن ئابدۇللاھ ئەلغانىم بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

1765467
تۈركىيە – قاتار ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتارنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (QNA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ بىلەن  قاتار شۇرا مەجلىسىنىڭ باشلىقى ھەسەن بىن ئابدۇللاھ ئەلغانىمنىڭ ئۇچرىشىشىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە پارلامېنتلار ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئىمكانىيەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان، شۇنداقلا، تۈركىيە – قاتار پارلامېنتلار ئارا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش نىشان قىلىنغان كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالانغان.

قاتار شۇرا مەجلىسىنىڭ باشلىقى ھەسەن بىن ئابدۇللاھ ئەلغانىم، ئىمزالانغان بۇ كېلىشىم لايىھەسىنىڭ، قېرىنداش ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ پارلامېنتلار ئوتتۇرىسىدىمۇ كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق قاتار – تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە ھەمكارلىقنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يېتىدىغانلىقىنى. جۈملىدىن، كېلىشىم لايىھەسىنىڭ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان ساھەلەردىكى چوڭقۇر مۇناسىۋەتلەرنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر